您现在的位置:
发布时间:2022-05-23 05:14:39
ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، رايىلە مۇرتىزا خەۋەر قىلىدۇ) ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ «قەلبداشلار لوڭقىسى» ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش دېھقانلار تەنھەرىكەت يىغىنى 24 - ئاۋغۇست توخۇلا يېزا قۇرۇل كەنتىدە باشلاندى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جېلىل خېلىل، مۇئاۋىن ھاكىم ئايشەمگۈل ئاتاۋۇللا ۋە ۋىلايەت ۋە ناھىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جېلىل خېلىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى : دېھقانلار تەنھەرىكەت يىغىنى ئاممىنىڭ مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ مۇھىم ۋاستىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى سۇسلاشتۇردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇردى، دېھقانلار تەنھەرىكەت پائالىيىتى ناھىيەمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئورتاق قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
توخۇلا يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى دۈەن ۋېنخۇي مۇنداق دېدى :«توخۇلا يېزىمىزدا دېھقانلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقى ناھىيەمىزنىڭ بىزگە ئىشەنگەنلىكى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، بىز بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق دېھقانلارنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشقا يېتەكلەيمىز».
توخۇلا يېزىلىق كوماندىنىڭ ئەزاسى تۇرسۇن تۇنياز ۋاسكېتبول ئويناشنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئۆتكۈزلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تېزدىن كېلىپ تىزىملاتتى ھەمدە تۇنجى قېتىملىق تاللاشتىن ئۆتۈپ، توخۇلا يېزىسى ۋاسكېتبول كوماندىسىغا كىردى.
توخۇلا يېزىلىق كوماندىسىنىڭ ئەزاسى تۇرسۇن تۇنياز مۇنداق دېدى :«يېزىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ تاللانغاندىن كېيىن، ناھىيەنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىمىز، بىزنىڭ شوئارىمىز دوستلۇق بىرىنچى، مۇسابىقە ئىككىنچى، پائالىيەتكە قاتنىشىپ ناھايىتى خوشال بولدۇق، بىز مۇسابىقە ئارقىلىق بەدەن ساغلاملىقىمىزنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن يەنە نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشتۇق».
بۇ قېتىملىق مۇسابىقە تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، توخۇلا يېزىسى تاللاش مۇسابىقىسى، قىزىل بازىرى تاللاش مۇسابىقىسى، ئارال بازىرى تاللاش مۇسابىقىسى ۋە جام بازىرى تاللاش مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت تۆت مۇسابىقە رايونىغا بۆلۈنىدىكەن، مۇسابىقىدە جەمئىي 130 كوماندا بار بولۇپ، 300دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى ۋاسكېتبول، ۋالىبول قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.
مۇھەررىر: مېھرىئاي ئېزىز