您现在的位置:

彩虹尽头 >> 正文 >

كۆكتاتلىقلاردىكى كۆك پىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش يوقىتىشنىڭ ياخشى تەدبىرى دېھقانچىلىق新闻网

 

ئاقسۇ ئاخبارات تورى: كۆك پىت - كۆكتاتلىقلاردا پەيدا بولۇشى ئەڭ كۆپ، زىيان سېلىش مەزگىلى ئەڭ ئۇزۇن بولغان زىيانداش ھاشارەت. ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش يوقىتىشتا زىيانسىز يوقىتىش تېخنىكىسىنى قوللانغاندا، بىرىنچىدىن، ئۈنۈمى يۇقىرى، سېلىنما ئاز بولىدۇ، ئىككىنچىدىن، دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنى ئازايتىپ، كۆكتات سۈپىتىنى ياخشىلاپ، زىيانسىز ئىشلەپچىقىرىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

1. كۈمۈش رەڭلىك سۇلياۋدىن پايدىلىنىش. كۆك پىتنىڭ ئوخشاش بولمىغان رەڭلەرگە ئىنتىلىشچانلىقىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن پايدىلىنىپ، كۆمۈش رەڭلىك سۇلياۋدىن پايدىلىنىپ كۆك پىتنى قاچۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا كۈمۈش رەڭلىك يىمەكلىك خالتىسى ياكى سۈت پاراشوك خالتىسىنى يىغىپ، بۇ سۇلياۋ خالتىلارنىڭ ئىچىنى تېشىغا ئۆرۈپ، كۆمۈش رەڭلىك تەرپىنى سىرتقا قارىتىپ، كىچىك ياغاچ تاياقلارغا ئېسىپ ، كۆكتاتلىق ياكى مايسىزارلىققا قويغاندا كۆك پىتنى قاچۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

2. سېرىق رەڭلىك تاختا ئارقىلىق كۆك پىتنى جەلىپ قىلىپ يوقىتىش. كۆك پىتنىڭ سېرىق رەڭگە ئىنتىلىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇش خوسۇسيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىشتا 15-20 سانتىمېتىرلىق سېرىق رەڭلىك تاختا ياساپ، ئۈستىگە بىر قەۋەت 10-نومۇرلۇق ئاپتول ياكى كۆك پىت يوقىتىش دورىلىرىنى سۈرۈپ كۆكتات قۇرلىرىغا ئارىسىغا ئورۇنلاشتۇرغاندا، قاناتلىق كۆك پىتلار سېرىق تاختىنى كۆرۈپلا دەرھال ئۇنىڭ ئۈستىگە قونىدۇ. ئاپتول سۈرۈلگەن سېرىق تاختىغا كۆك پىت يېپىشىپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك. دورا سۈرۈلگەن سېرىق تاختىدا كۆك پىتلار دەرھال ئۆلىدۇ ۋە قاناتلىق كۆك پىتلارنىڭ ئېتىزغا يۆتكىلىپ ۋىروس كېسىلىنى تارقىتىشى زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ. شۇنداقلا بىۋاستە ئىستىمال قىلىنىدىغان كۆكتات سۇيۇقلىقىغا زىيان يېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

3. ئۆسۈملۈكلەر ئارقىلىق كۆك پىتنى يوقىتىش- قاچۇرۇش

1) لازىنى بىر كېچە-كۈندۈز سۇغا چىلاپ سۈزگەندىن كېيىن پۈركىسە بولىدۇ.

2) شاپتۇل يۇپۇرمىقىنى بىر كېچە-كۈندۈز سۇغا چىلاپ، ئۇنىڭغا ئازراق خام ھاك سېلىپ سۈزگەندىن كېيىن پۈركىسە بولىدۇ.

3) كۆك تاماكىنى ئۇۋۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئازراق خام ھاك سېلىپ چاچقاندا، ئالدىنى ئېلىش-يوقىتىش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

4) ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلىنىشىچە، كۈدىنىڭ پۇرىقى كۆك پىتنى قاچۇرىدۇ. شۇڭا، كۈدىنى باشقا كۆكتاتلار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ تېرىغاندا، كۆك پىتنىڭ زىچلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇنىڭ كۆكتاتقا زىيان سېلىش دەرىجىسىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

5) سۇپۇن پاراشوگى ئارقىلىق كۆك پىت يوقىتىش. سۇپۇن پاراشوگىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولغان ناترىي دودېتسىل بېنزېن سۇلفونات كۆك پىت قاتارلىقلارنى يوقىتىدۇ. شۇڭا، ھەر موغا سۇپۇن پاراشوگىنىڭ 400-500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىدىن 60-80 كىلوگىرامنى ئۇدا 2-3 قېتىم پۈركىگەندە ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

癫痫怎么治 style="FONT-FAMILY: ‘ALKATIP Kitab Tom‘; COLOR: #444444; FONT-SIZE: 12pt; mso-font-kerning: 0pt" lang="AR-SA">6) تەبىئىي كۈشەندىلەردىن پايدىلىنىپ كۆك پىت يوقىتىش. كۆك پىتنىڭ تەبىئىي كۈشەندىلىرىدىن يەتتە توچكىلىق خانقىز، غەيرى رەڭلىك خانقىز، پىتخور چىۋىن ۋە كۆك پىت پاختىلاشتۇرغۇچى زەمبۇرۇغى قاتارلىقلار بار. ئۇلارنىڭ كۆك پىت يوقىتىش رولىنى باشقا ۋاستىلار ئورۇندىيالمايدۇ. شۇڭا، ئىشلەپچىقىرىشتا بۇ تەبىئىي كۈشەندىلەرنى ئاسراش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كۆك پىتنىڭ زىيىنىنى يېنىكلىتىش لازىم.

 

مۇھەررىر: مېھرىئاي ئېزىز

 

 

© http://zs.aidxb.com  进化法则网    版权所有